ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردى ...

ئىنسانلار گۈزەل ئەخلاق، خەير-ئېھسان قىلىشتا بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىدا زىيان يەتكۈزگۈچىلەرنى، ھەمراھلىرىدىن كۆرۈلگەن ئەدەپسىزلىكلەرنى، بىر-بىرىدىن ئۆتكەن خاتالىقلارنى ئەپۇ قىلىش، خاتالىقلىرىنى يۈزىگە سالماسلىق، ئوڭۇشسىزلىقلىرىغا قارىماسلىق ۋە قىيىنچىلىقلىرىغا ياردەم بېرىش، كاتتا سۈپەت ۋە ئېسىل خىسلەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان-زېمىنچە كىلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار، تەقۋادارلار كەڭچىللىكتىمۇ، قىيىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلىدىغانلار، ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ». ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئادىللىقنى يولغا قويدى، ئۇ قىساس ئېلىشتۇر. ئېھسان قىلىشقا تەۋسىيە قىلدى، ئۇ قاتىلنى ئەپۇ قىلىشتۇر. ئەپۇ قىلىش تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. بۇنىڭ نەتىجىسى چەكسىز بولۇپ، ئىنسانلار ئارىسىدا گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدۇ. ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەدىقە مالنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ. ئەپۇ قىلىش ئىنساننى ئىززەتلىك قىلىدۇ. كەمتەرلىك مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلىدۇ». خاتالاشقانلارغا سەۋر قىلىش، جاھىللارغا كەڭ قوساق بولۇش، يامانلىق قىلغۇچىلارنى ئەپۇ قىلىش ئالى مەرتىۋە، شەرەپلىك خىسلەتلەردىن بولۇپ، بۇنىڭغا توغرا يول تۇتۇپ سەۋر قىلىشقا مۇيەسسەر بولغانلارلا ئېرىشەلەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق يامان خىسلەتكە تاقابىل تۇرغىن، شۇنداق قىلساڭ سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋىرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ». ئابدۇللا ئىبنى ئەمرى ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ زات قوپال، يىرىك ئەمەس، كوچىلاردا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلمايتتى، يامانلىق قىلغۇچىلارغا يامان مۇئامىلە قىلمايتتى، ئۇلارنى ئەپۇ قىلاتتى ۋە كەچۇرۇۋېتەتتى».

ئىنسانلار گۈزەل ئەخلاق، خەير-ئېھسان قىلىشتا بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىدا زىيان يەتكۈزگۈچىلەرنى، ھەمراھلىرىدىن كۆرۈلگەن ئەدەپسىزلىكلەرنى، بىر-بىرىدىن ئۆتكەن خاتا ...

بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھىمايە قىلغان كىشى خېيىم-خەتەرگە ئۇچرىمايدۇ. ئاللاھ ھەر بىر كىشىنى ھىمايىسىگە ئالىدىكەن داۋاملىق ئاللاھنىڭ كۈزىتىشىدە بولىدۇ، شۇنداقلا قەلبى خاتىرجەملىك ۋە ئامانلىققا چۆمىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ئىنايىتى ۋە مەرھىمىتىدۇر. سىز ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ، بارلىق ئىشلىرىڭىزدا ئاللاھ تەرەپكە قايتسىڭىز ئاللاھ سىزنى بارلىق خەتەرلەردىن ساقلايدۇ. ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنىڭ خوجىسى ھېسابلىنىدىغان ئايەتۇلكۇرسى قۇرئان كەرىمدىكى ئەڭ ئولۇغ ئايەتتۇر. بۇ ئايەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلاتۇ ۋەسسالامغا كىچىدە نازىل بولغاندا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ۋەھىي كاتىپلىرىدىن بولغان زەيد ئىبنى سابىتنى چاقىرىپ يازدۇرغان. ئايەتۇلكۇرسىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە كەلگەن نەقلى دەلىللەر ئىنتايىن كۆپتۇر. ئايەتۇلكۇرسىنى ئەتتىگەن ئاخشاملاردا ئوقۇش، ئۇيقۇدىن بورۇن ئوقۇش، ھەر نامازدىن كېيىن ئوقۇش سۈننەت. بۇ ئايەت، تەۋھىدى ئۇلۇھىيەت ۋە تەۋھىدى رۇبۇبىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرەپلىك ئايەت بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئىسمى سۈپەتلىرى ئاشكارا، يوشۇرۇن بولۇپ 18 قېتىم زىكىر قىلىنغان.

بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھىمايە قىلغان كىشى خېيىم-خەتەرگە ئۇچرىمايدۇ. ئاللاھ ھەر بىر كىشىنى ھىمايىسىگە ئالىدىكەن داۋاملىق ئاللاھنىڭ كۈزىتىشىدە بولىدۇ، شۇنداقلا قەلبى خاتىرجەملىك ۋە ئامانلىققا چۆمىدۇ. ئەنە ش ...

يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە سالام بېرىپ، "نەمۇنىچى جەمئىيەت خەير-ئېھسان بىلەن بارلىققا كەلسە، تەرەققىيات ئىلىم-پەن، بىلىم ئىلىش بىلەن رېئاللىققا ئايلىنىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە سالام بېرىپ، "نەمۇنىچى جەمئىيەت خەير-ئېھسان بىلەن بارلىققا كەلسە، تەرەققىيات ئىلىم-پەن، بىلىم ئىلىش بىلەن رېئاللىققا ئايلىنىدۇ" دېگ ...

ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار

ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قو ...